Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاۋۇتماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يىغىدىن توختاتماق، تەسەللى بەرمەك:
ئەل ئارا شۆھرەت فەساھەتتىن بولۇپ،
نۇكتە بىرلە غەملىك ئەلنى ئاۋۇتۇپ.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
كۆتەرمەك، ئۆستۈرمەك، بەزلىمەك. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: مېھمان غەمىڭ تاكى كۆڭۈلنى ئاۋۇتۇپدۇر، كەۋنەيىن ھاۋاسى سەراسەر ساۋۇتۇپدۇر. (زەلىلى)
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
سانى، مىقدارىنى ئاشۇرماق.
ئازايتماق، كېمەيتمەك
سانى، مىقدارىنى تۆۋەنلەتمەك.
چىقىمنى ئازايتىپ، كىرىمنى كۆپەيتىش - مالىيەدىكى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشنىڭ بىر مۇھىم چارىسى. ئادەمنى كېمەيتىش - ئىشنى ئاقساتمايدۇ، ئۈنۈمنى ئاۋۇتىدۇ.
شىۋىلەر
كۆپەيتمەك؛ بەزلىمەك. مەسىلەن: گەپنى ئاۋۇتماق _ گەپنى كۆپەيتمەك؛ كۆڭۈلنى ئاۋۇتماق _ كۆڭۈلنى بەزلىمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئاۋۇماق> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
ئېتىم بىر پەسكە، بىر ئېگىزگە ماڭغاچقا يولنى ئاۋۇتالمىدىم.