Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاتتىلې
دۇنيا تارىخى
(1883 - 1967-يىللار) ئەنگلىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1945 - 1951). 1905-يىلى ئوكسفورد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. دەسلەپتە ئادۋوكات بولغان، كېيىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1907-يىلى فابىئۇس جەمئىيىتىگە قاتناشقان، 1908-يىلى مۇستەقىل لېيبورىستلار پارتىيىسىگە ئەزا بولغان، 1913-يىلى لوندون ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1922 - 1950-يىللىرى تۆۋەن پالاتا لېيبورىستلار پارتىيىسىنىڭ كېڭەش ئەزاسى بولغان، 1924-، 1929 - 1931-يىللىرى ئىككى نۆۋەت لېيبورىستلار پارتىيىسى ئىچكى كابىنېتىغا قاتناشقان. 1935-يىلىدىن باشلاپ لېيبورىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە چېرچېلل باشچىلىقىدىكى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ۋاقىتلىق ئىچكى كابىنېتقا قاتنىشىپ، تامغا تۇتقۇچى ۋەزىر (1940 - 1942)، مۇئاۋىن باش ۋەزىر (1942 - 1945)، قوشۇمچە مۇستەملىكە ئىشلىرى ۋەزىرى (1942 - 1943) بولغان. 1945-يىلى 7-ئايدا لېيبورىستلار پارتىيىسى ئىچكى كابىنېتىنى قايتا تەشكىل قىلغاندا باش ۋەزىر بولغان. 1945 - 1946-يىللىرى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بولغان، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە سانائەتنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش سىياسىتى بىلەن ئىجتىمائىي ئىستراخۋانىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، «سوتسىيال دېموكراتىزم» نى يولغا قويۇشنى تەشۋىق قىلغان؛ سىرتقا قارىتا ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى قوللاپ، ئامېرىكا قوزغىغان چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 1954-يىلى لېيبورىستلار پارتىيىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ جۇڭگونى زىيارەت قىلغان. 1955-يىلى سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان. گراف ئۇنۋانى بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئەسلىمە خاتىرلىرى، «ئامەتلىك مەزگىلدىكى ئادەم» ناملىق ئەسەرلىرى بار.