Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاتسېتىل خولىن
بىئولوگىيە
مۇھىم بىرخىل نېرۋا ترانسمىتتېرى، خولىن ئاتسېتىلازىنىڭ كاتالىزاتورلىقىدا خولىنېرگىك نېرۋا ئاخىرقى ئۈچ ھۈجەيرە پلازمىسىدا قوشۇمچە ئېنزىم A بىلەن خولىندىن سىنتېزلىنىدۇ. ئەتراپ نېرۋا سىستېمىسىدىكى بارلىق گەۋدە نېرۋىلىرى پاراسىمپاتىك نېرۋا تۈگۈن ئارقىسى ۋە تۈگۈن ئالدى تالالىرى، سىمپاتىك نېرۋا تۈگۈن ئالدى تالالىرى ۋە قىسمەن سىمپاتىك نېرۋا تۈگۈن ئارقا تالالىرى (مەسىلەن، تەر بېزى ۋە قان تومۇرلارنى ئىدارە قىلىدىغان سىمپاتىك تۈگۈن ئارقا تالالىرى) قاتارلىقلارنىڭ نېرۋا ئاخىرقى ئۇچى قوزغالغاندا ئاتسېتىل خولىن ترانسىممىتتېر قويۇپ بېرىدۇ، بۇنداق نېرۋا تالالىرى خولىنېرگىك تالالار دېيىلىدۇ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدىمۇ ئاتسېتىل خولىن ترانسمېتتېرلىرى مەۋجۇت. ئاتسېتىل خولىن ھۈجەيرە پلازمىسىدا سىنتېزلانغاندىن كېيىن نېرۋا ئاخىرقى ئۇچى خالتا پۈۋەكچىسىدە زاپاس ساقلىنىدۇ. نېرۋا ئىمپۇلىسى (<نېرۋا ئىمپۇلىسى> غا قاراڭ) نېرۋا ئاخىرقى ئۇچىغا يېتىپ كېلىپ خالتىلىق پۈۋەكچىنى ھەم ئىدارە قىلىش دائىرىسىدىكى ھۈجەيرىدە تەسىر كۆرسىتىپ فىزىئولوگىيىلىك ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن، ئىسكىلىت مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرىشى، ئاشقازان ئۈچەي يوللىرىنىڭ ھەرىكىتى، ھەزىم قىلىش بەزلىرىنىڭ ئاجرىلىشى، قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشى، يۈرەك سوقۇشىنىڭ ئاستىلىشى، كۆز قارىچۇقىنىڭ تارىيىشى (كىچىكلىشى) قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قويۇپ بېرىلگەن ئاتسېتىل خولىنلار ئېففېكتورلارنىڭ ھۈجەيرە پەردىسىدىكى خولىن ئېستېرازىنىڭ گىدرولىزلىشى بىلەن ناھايىتى تېزلا ئاكتىپچانلىقىنى يوقىتىپ ئېففېكتورلارنىڭ رولىنى ۋاقتىدا ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ئەگەر ئاتسېتىل خولىنلار ئارتۇقچە كۆپ يىغىلىپ، خولىنېرگىك تالالار ئۇزۇنغا سوزۇلغان قوزغىلىش ھالىتىدە تۇرىۋەرسە كېسەللىك ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن ئورگانىك فوسفورلۇق دېھقانچىلىق دورىلىرى بىلەن زەھەرلىگەندە ئورگانىك فوسفورلۇق دېھقانچىلىق دورىلىرى خولىن ئېستېرازىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تورمۇزلاپ ئاتسېتىل خولىنلارنى جۇغلىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى تۈپەيلىدىن شالۋاق ئېقىش، كۆڭۈل ئاينىش، قورساق ئاغرىش، مۇسكۇل تىترەش قاتارلىق زەھەرلىنىش ھادىسىلىرى پەيدا بولىدۇ.