Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاتوم بومبا
يادرو ۋە بىئو قوراللار
ئاتوم بومبا − تالاپەتلەندۈرۈش كۈچى ناھايىتى چوڭ ياراغ.1945 - يىل8 - ئاينىڭ6 - كۈنى، ئامېرىكا ياپونىيىنىڭ خـىـروسىـمـا شەھىرىگە كىچىككىنە ئاتوم بومبىسىنى تاشلاپ،200 مىڭدىن ئارتـۇق ئاھـالـىـسـى بـار شەھەرنى ھەش - پەش دېگۈچە خارابىلەشتۈردى. ئۈچ كـۈنـدىـن كېيىن ياپونىيىنىڭ نـاگـاسـاكـى شەھىرىمۇ ئوخـشـاش تـەقـدىـرگـە دۇچار بـولـدى. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، خىروسىمادىـكـى245 مىڭ ئادەمدىن ئۆلگەن، يارىلانغان، غايىب بـولـغـانلار200 مـىـڭـدىـن ئاشىدىكەن، ناگاساكىدىكى230 مىڭ ئادەمدىن ئۆلگەن، يارىلانغان، غايىـب بولغانلار150 مىڭدىن ئاشىدىكەن. ئىككـى شـەھـەرنـىـڭ ۋەيـران بـولـۇش دەرىجىسى %60 − %80كە يېتىدىكەن.
ئاتوم بومبا، ئاساسەن، يادرو يېقىلغۇسى، پارتـلىـتـىـش دورىـسـى، نېيترون مەنبەسى ۋە پارتلىتىش قۇرۇلمىسى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىـدۇ. پارتلىغاندا ئاۋۋال پارتلىتىش قۇرۇلمىسـى ئوت ئېـلـىـپ، ھـەرقـايـسـى پارتلىتىش دورا بۆلەكلىرى بىرلا ۋاقىتتا پارتلاپ، ناھايىتى زور بېسىم ھاسىـل قىلىدۇ، شۇنىڭدەك تېزدىن مەركەزگە يىغىلىپ، يادرو يېقىلغۇسىنى ناھايىـتـى تـېـزلا بىر يەرگە يىغىپ، نېيتروننىڭ تەسىرىدە، زەنجىرسىمان رېئاكسىـيـە پەيدا قىلىپ، ھەش - پەش دېگۈچە نەچچە10 مىلـيـون گـرادۇسـلـۇق يـۇقـىـرى تېمپېراتۇرا ۋە نەچچە مىليون ئاتموسفېرا بېسىمى پەيدا بـولـۇپ، كـۈچـلـۈك پارتلاش يۈز بېرىدۇ.
ئادەتتىكى بومبىلار ئاساسەن يـۇقـىـرى تـېـمـپـېـراتـۇرا ئارقىلىق كۆيدۈرىدۇ ۋە ئوق پارچىلىرى بىلەن زەخىملەندۈرىدۇ، ھالبۇكـى، ئاتوم بومبىنىڭ نۇر رادىئاتسىيىسى، زەربە دولقۇنى، دەسلەپكى مەزگىلـلىـك يادرو رادىئاتسىيىسى، ئېلېكتروماگنىت ئىمپۇلسى ۋە رادىئوئاكـتـىـپـلـىـق بۇلغاشتىن ئىبارەت5 خىل ئۆلتۈرۈش، زەخىملـەنـدۈرۈش كـۈچى بـار. بـۇ ئامىللار ئىنتايىن كۈچلۈك ئۆلتۈرۈش، يارىلاندۇرۇش كۈچىگە ئىگە، ئۇنىـڭ ئۈستىگە تەسىر دائىرىسى30 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.
ئاتوم بومبا (جۈملىدىن ھىدروگېن بومبا، نېيترون بومبا)نـىـڭ پارتلاش شەكلى يەر يۈزى (سۇ يۈزى)دە پارتلاش، بوشلـۇقـتـا پـارتلاش ۋە يەر ئاستى (سۇ ئاستى)دا پارتلاش قاتارلىـقلارغـا ئايـرىـلـىـدۇ، يـەر يـۈزىـدە پارتلاش مۇستەھكەم يەر ئاستى ۋە يەر يۈزىدىكى نىشانلارنى يوقىتىشقـا بـاب كېلىدۇ. سۇ يۈزىدە پارتلاش ئاساسەن سۇ يۈزىـدىـكـى پـاراخـوت، پـورت قاتارلىق نىشانلارنى يوقىتىشقا باب كېلىدۇ. بوشلۇقتا پارتلاش يـەنـە تـۆۋەن بوشلۇق، ئوتتۇرا بوشلۇق، يۇقىرى بوشلۇق ۋە ئالاھىدە يۇقىرى بوشلۇقـتـا پارتلاشقا ئايرىلىدۇ. تۆۋەن بوشلۇقتا پارتلاش بىرقەدەر مـۇسـتـەھـكـەم يـەر يۈزى ۋە ئانچە چوڭقۇر بولمىغان يەر ئاستى نىشانـلـىـرىـنـى بـۇزۇشـقـا بـاب كېلىدۇ؛ ئوتتۇرا بوشلۇقتا پارتلاش يەر يۈزىدە ئاشكارىلانـغـان ئادەمـلـەرنـى ئۆلتۈرۈش، يارىلاندۇرۇش ۋە ئانچە مۇسـتـەھـكـەم بـولـمـىـغـان يـەر يـۈزى نىشانلىرىنى بۇزۇشقا باب كېلىدۇ؛ يۇقىرى بوشلۇقتـا پـارتلاش يـەر يـۈزىـدە ئاشكارىلانغان ئادەملەرنـى كـەڭ دائىـرىـدە ئۆلـتـۈرۈش، يـارىلانـدۇرۇش ۋە ئاجىز نىشانلارنى بۇزۇشقا باب كېلىدۇ. ئالاھىدە يۇقىرى بوشلۇقتا پـارتلاش ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىـغـان سىنارەدلەرنى تـوسـۇش ۋە ئايـروپـىلان توپىنى يوقىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ. يـەر ئاسـتـىـدا پـارتلاش، ئاساسـەن، يـەر ئاستىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى، ئۆتكەل - ئاچال، مۇھىم يـوللارنـى توسۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. سۇ ئاستىدا پارتلاش، ئاساسەن، سـۇ ئاسـتـى، سـۇ ئۈستى پاراخوتلىرى ۋە سۇدىكى مۇئەسسەسەلەرنى يوقىتىشتا ئىشلىتىلىدۇ.