Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاتېلىستان
دۇنيا تارىخى
(895 - 940) ئەنگلىيە كورۇلى (924 - 940). سېسىسېكس كورۇلى ئېدۋارد (؟ - 924) نىڭ ئوغلى. ياش ۋاقتىدا مېزىيە ئوردىسىدا تۇرمۇش كەچۈرگەن. تەختكە چىققان چاغدا دانىيە رايونىنى قايتۇرۇۋېلىپ، شوتلاندىيە ۋە ۋېلىسنى بويسۇندۇرۇپ، برىتانىيە ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى «برىتانىيىلىكلەرنىڭ كورۇلى» دەپ ئاتىغان. ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يەر ئىگىلەپ، قورۇقلارنى قۇرۇپ، دېھقانلارنى قۇل قىلىشىغا يول قويۇپ، سىنىپىي زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرگەن. مىلادى 930-يىلى ئەركىن كىشىلەر بىر خوجايىنغا قاراشلىق بولۇشى كېرەك دەپ پەرمان چۈشۈرگەن ئاھالىلەرنىڭ دەۋا ئىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىشىغا، دەۋا ھەققى ۋە جەرىمانە ئېلىشىغا يول قويغان. تاشقى جەھەتتە گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خان جەمەتى بىلەن قۇدا بولۇشقان