Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاتⅡ
ئاتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئادەم ياكى نەرسىلەرگە قويۇلغان مەخسۇس ئىسىم:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۆگەي قىزىنىڭ ئېتى ھەجەرخان، ئۆز قىزىنىڭ ئېتى پاتمىخان ئىكەن.[يەشمىسى:] ② نام، ئاتاق:[مىسال:] ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا (ماقال).[يەشمىسى:] ③ شان-شۆھرەت ياخشى نام؛ داڭق:[مىسال:] ياخشىدىن ئات قالىدۇ، ياماندىن داد قالىدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>تىلشۇناسلىق<[يەشمىسى:] شەيئىلەرنىڭ نامىنى بىلدۈرۈپ، «كىم؟ نېمە؟» دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بولۇپ كېلىدىغان سۆز تۈركۈمى، «ئىسىم»مۇ دېيىلىدۇ:[مىسال:] ئاتاقلىق ئات. تۈردەش ئات.