Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاستانىدىكى يۇرتداشلار باشقارمىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى京在所
jīng zài suǒ
چاۋشيەننىڭ لى سۇلالىسى دەۋرىدە پايتەختتىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئايماق ۋە ناھىيىلەر بويىچە تەشكىل قىلغان يۇرتداشلار ئورگىنى. ئۇنىڭدا باش ئاتامان، مەسلىھەتچى (6-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى)، ياردەمچى نازارەتچى قاتارلىق ئەمەللەر تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭغا بىر يۇرتلۇق ئەمەلدارلار، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار تەيىنلەنگەن. ئۇنىڭ ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار يەنە ئاتا - بوۋىسى ياكى خوتۇنىنىڭ يۇرتىنىڭ پايتەختتىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئەمەلدارلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. بۇ ئورگاننىڭ ۋەزىپىسى ئاساسەن ئايماق، ناھىيە ۋە يېزا ئەمەلدارلىرىنى نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇلار يېزا ئاقساقاللىرىنى كۆرسەتكەن، ئەمەلدارلارنىڭ پايتەختكە ئولپان توشۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلغان. ئايماق ناھىيىلەرنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش توغرىسىدا تەكىلىپلەرنى بەرگەن. ئايماق ناھىيىلەردىكى ئەمەلدارلار ئۆز يۇرتلۇق ئەمەلدارلارنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزسە مەھكىمىنىڭ قاتتىق جازا بېرىشىگە ئۇقتۇرۇش قىلغان، لېكىن ئايماق، ناھىيە ئامباللىرىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان. مەزكۇر ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى ئەمەلدارلار ھامان ھوقۇق ۋە كۈچكە تايىنىپ يۇرتىدىكى يەرلەرنى قوشۇۋېلىپ، قورۇقلارنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنى قاتتىق خورلىغان ۋە ئۇلاردىن پارە ئالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.