Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاسسۇرناسىرپال
دائىرە: دۇنيا تارىخى亚述那西帕二世
yà shù nà xī pà èr shì
(مىلادىدىن ؟ - 859 يىل بۇرۇن) ئاسسۇرىيە پادىشاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 883 - 859). تەختتىكى مەزگىلىدە، كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى ئارامېلارنى مەغلۇپ قىلىپ، شىمالدىكى ئۇرارتۇغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، شىمالىي سۈرىيە ئەتراپىنى بويسۇندۇۇرپ، تەسىر كۈچىنى فىنكىيە دېڭىزىنىڭ بويلىرىغىچە يەتكۈزۈپ، سىدون، بىبىل قاتارلىق جايلارنى ئىتائەت قىلدۇرۇپ، ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان. بارغانلا يېرىدە قەبىھلىك بىلەن قىرغىنچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلغان. پايتەخت كالاخ ھازىرقى نىمرۇدتا ھەشەمەتلىك خان سارىيى سېلىپ، ساراي تېمىغا پادىشاھنىڭ ھەربىي يۈرۈش قىلغان چاغدىكى غەلبىلىك كۆرۈنۈشىنى نەقىش قىلدۇرغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.