Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاسساسىنلار
دۇنيا تارىخى
阿萨辛派
ā sà xīn pài
ئىسلام دىنى شىئەلەرنىڭ ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ بىر تارمىقى.ئۇلار داۋاملىق <خاشىش> (نەشە) نى ئىستېمال قىلغاچقا خاشىشلار (يەنى خاشىش چېكىدىغانلار) دەپ ئاتالغان، ياۋروپالىقلار ئۇنى بۇزۇپ ئاسساسىنلار دەپ ئاتىغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. مۇرائىلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مەزھەپ 1090-يىلى ھەسەن ئىبنى ساباھ (؟ - 1124) تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان. كاسپىي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى رايونلارنى تايانچ بازا قىلغان بولۇپ، مەركىزى ئالامۇت (ھازىرقى تېھراننىڭ غەربىي شىمالى). مىسىر فاتىمە خاندانلىقىنىڭ خەلىپىسى مۇستاسىر (1036 - 1094) ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى مۇستالى (1094 -1101) خەلىپىلىككە ۋارىسلىق قىلىپ، ئاكىسى نىزارنى بىكار قىلغان، ئاسساسىنلار يەنىلا نىزارغا سادىق بولغاچقا، نىزارچىلار دەپمۇ ئاتالغان. كېيىن ئۇلارنىڭ كۈچى ئىراننىڭ شەرقىيى قىسمى، ئىراق، سۈرىيە ۋە لىۋان رايونغىچە كېڭىيىپ، نۇرغۇن قورغانلارنى قۇرۇپ، <پىدائىيلار> لارنى تەشكىللەپ، مەخسۇس تېررورلۇق يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغاچقا، <يوشۇرۇن ئۆلتۈرگۈچىلەر> دەپ ئاتالغان. سۈرىيىدىكى ئاسساسىنلارنىنڭ سەردارى ياۋروپا ئەھلىسەلىپ قوشۇنى تەرىپىدىن <تاغ قەلئەسىدىكى قېرى> دەپ ئاتالغان. 1256-يىلى ئالامۇت شەھىرى موڭغۇللات تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان؛ 1273-يىلى ئۇلارنىڭ سۈرىيە قاتارلىق جايلاردىكى قورغانلىرىمۇ مىسىرنىڭ مەملۇكلەر سۇلتانىنىڭ ئارمىيىسى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۈچى ئاجىزلىغان.