Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاسوكا
دۇنيا تارىخى
阿育王
ā yù wáng
(مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 223) قەدىمكى ھىندىستاندىكى ماگادخا دۆلىتى ماۋۇريا خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 268 - 232). چاندراگوپتانىڭ نەۋرىسى، پوشامىترانىڭ ئوغلى. تاج كىيگەندىن كېيىنكى توققۇزىنچى يىلى ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ جەنۇبىدىكى كالىنگاغا كەڭ كۆلەمدە بېسىپ كىرگەن. تاش تۈۋرۈكلەرگە ئويۇلغان يارلىقلاردا خاتىرلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا 150 مىڭ ئادەم ئەسىر ئېلىنغان. 100 مىڭ ئادەم قىرىلغان، ئۇرۇشنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئىنتايىن زور بولغان. لاكىنگانى بويسۇندۇرغاندىن كېيىنكى جەنۇبىي چەتتىكى مەپسۇر رايونىدىن باشقا، ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ھىندىستاننى بىرلىككە كەلتۈرگەن؛ ماگادخا زېمىنى كەڭ، چوڭ ئىمپېرىيە (<ماۋۇريا ئىمپېرىيىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ)بولۇپ شەكىللەنگەن، شۇنداقلا ئۇ قەدىمكى ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ گۈللەنگەن دەۋر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇرۇشتا كۆپلىگەن ئادەمنى قىرغىن قىلغانلىقى ئۈچۈن سىرامان ئايەتلىرىنىڭ تىگىگە يېتىپ، قىلمىشىغا ئۆكۈنگەن ھەمدە بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، مەنىۋى جەھەتتىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا كىرىشكەن. <دامۇ> دىنىي ئەقىدىسىنى ۋە بۇددا دىنىي ئەقىدىسىنى تەرغىپ قىلىپ، ھىندىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىردا بۇتخانا - مۇنارلارنى ياساتقان ھەمدە پەرمانلارنى ئېلان قىلىپ، ئۇنى غار ۋە مۇنارلارغا ئويدۇرۇپ، <خان يارلىقى> دەپ نام بەرگەن. ئۆزى بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايلىرىنى ھەج - تاۋاپ قىلىپ، ھەممە جايغا خاتىرە مۇنارلىرىنى ئورناتقان. دىن تارقاتقۇچى راھىبلارنى ھەممە يەرگە دىن تارقىتىشقا ئەۋەتكەن. ئۇلار يىراققا پېرسىيە، يۇنان، سرىلانكا ۋە تۆۋەنكى بىرما قاتارلىق جايلارغا بېرىپ دىن تارقىتىپ، بۇددا دىنىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە پايتەخت پاتالىپوترا شەھىرى (ھازىرقى پاتنا شەھىرى) دە بۇددا ئەقىدىلىرىنى ئۈچىنچى قېتىم توپلاش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن.