Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاسمان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۆك، ساما، پەلەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يەر ئۈستىنى قاپلاپ تۇرغان گۈمبەز شەكىللىك ھاۋا رەڭ بوشلۇق.
ئاسمان بېسىۋالسا، تېگىدە تۇرۇپ مانتا يەيدىغان. ئاسماندىن تاۋار ياغسا، تۇمار قېپى تەگمەپتۇ. ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يەپتۇ. ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق. گاداي كىيىمدە كەلدىڭىز، ئەمما ئەسلى ماكانىڭىز يۈكسەك كۆك - ساما، مېھرىبانلىق قىلىڭ بىر - بىرىڭىزگە، ئاسمان ئىدىڭىزغۇ، بولماڭ پەگا. كۆككە قارىما، كۆپكە قارا. مەن سېنىڭ مۇشۇنداق قىلىپ ئەرشئەلاغا چىققىنڭنى كۆرەي.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇز پۇل - مېلىنى ئىشلىتىشكە كۆزى قىيمايدىغان، كىشىگە قىلچە نەپ بەرمەيدىغان.
بېخىلنىڭ قازىنىدىكى ئاش - قۇدۇق تۈۋىدىكى تاش. بېخىل بايدىن سېخىي گاداي ئارتۇق. ئېتى ئورۇق دېگۈچە، ئىگىسى پىخسىق دېگىن. خەسىسنىڭ ئۆيى دوزاخ. پىششىق پىشقان ئاشتىنمۇ قىزغىنىدۇ. مومسىق خوتۇننى جەننەتكە كىر دېسە، قوتۇر ئۆچكىسىنى يېتىلەپ ماڭار. . ئۇ شۇنداق پىخسىقكى، ئاسمان ئىسىنى، ئىت يۇندىسىنى كۆرمەيدۇ. ئۇ راسا پىششىق ئالىقىنىنى يالايدىغان ئادەم. پىت ئۈچەي بايدىن قولى كەڭ كەمبەغەل مىڭ ئەۋزەل. ئۇنداق پىتتىن پوستۇما ئالىدىغان نېمىدىن بىر نېمە چىقارمۇ؟ ئۇ بوۋاي پىتنىڭ ئۈچىيىگە ھېسىپ قۇيىدىغان ئادەم ئىكەن. ئۇنى قوي، ئۇ تاشتىن سۇ چىقىرىدىغان ئادەم. ئۇ ئادەم مۇنداق تۇرغىنى بىلەن تاشنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىدىغان ئادەم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت سەر ئىچىپ، ئون سەر مەست بولىدىغان گاڭگۇڭلار، تىيننىڭ تۆشۈكىدىن ئۆمىلەپ ئۆتىدىغان ساختىپەزلەر بار ئىدى. شەھەر خەلقى مۇسانى چاشقانغا كېپەك ئالدۇرمايدىغان، ئىتقا سۆڭەك بەرمەيدىغان پىخسىق دېيىشىدىكەن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يەر ئۈستىنى قاپلاپ تۇرغان ھاۋا رەڭ بوشلۇق.
يەر، زېمىن
يەر شارى، يەر يۈزى.
ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، يەرگە ئۇرۇپتۇ. ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق، ئۆلەي دېسەم قان تاتلىق. ئاسمانغا قارا، يەرنى ئويلا. ئاسماننىڭ قۇشىنى يەرنىڭ يېمى ھالاك قىلىدۇ. ئاسمان يەرگە ياخشىلىق ياغدۇرىدۇ، يەر ئاسمانغا توزان توزدۇرىدۇ. كۆكتىن ئىزلىگەننى يەردىن تاپتىم. قۇش بالىسى كۆككە قارايدۇ، قوي بالىسى يەرگە. ياخشى بىلەن ياماننىڭ ئاسمان - زېمىن پەرقى بار. تۆگىنى بوران ئۇچۇرسا، ئۆشكىنى ئاسماندا كۆر. كۆك ئاسماننىڭمۇ كۆزى بار. تاجغىمۇ، تەختكىمۇ ھېچ بولما موھتاج، يەرنى تەخت بىل، ئاسماننى تاج.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئاسترونومىيە
يەر ئۈستىدە گۈمبەز شەكلىدە كۆرۈنۈپ تۇرغان ھاۋا رەڭ بوشلۇق؛ پەلەك، كۆك.
ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق (ماقال).
كۆچمە. ناھايىتى يۇقىرى، ئېگىز.
ئوسماننىڭ ئۇچۇرغان ئايروپىلانى تېزلا ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، موللاق ئېتىشقا باشلىدى.