Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاسكارىدا
بىئولوگىيە
<سازاڭ مەددە> مۇ دېيىلىدۇ، يىپچە قۇرتلار سىنىپىنىڭ ئاسكارىدالار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇ بىرخىل چوڭ تىپتىكى يىپچە قۇرت، شۇنداقلا ئادەم بەدىنىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان پارازىت قۇرت بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىنچىكە ئۈچىيىدە پارازىتلىنىپ ئاسكارىدوز كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېتىلگەن قۇرتنىڭ تېنى ئۇزۇن، ھەم يۇمىلاق، ئالدى ئۇچىدا ئۈچ ياپراق كالپۇكچىسى (بىر تۆپە كالپۇك ئىككى تۆۋەن كالپۇك) بولىدۇ، ئېغىز بوشلۇقى ئۈچ ياپراق كالپۇكچىسىنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان. تېنىنىڭ ئاخىرقى ئۇچى ئۇچلۇق، ئىنچىكە بولۇپ، ئانۇسى قۇيرۇق ئۇچىغا يېقىن جايدىكى قورساق تەرەپكە جايلاشقان. رەڭگى سەل - پەل سېرىق ياكى ھال رەڭ، ئىككى يېنىدا ئاق رەڭلىك، روشەن يان سىزىقى بولىدۇ. چىشى قۇرتنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 20 - 25 سانتىمېتىر، قۇيرۇق تەرىپى ئۇچلۇق، تۈز. ئەركەك قۇرت كىچىكرەك، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 15 - 17 سانتىمېتىر، قۇيرۇق قىسمى قورساق تەرەپكە ئېگىلگەن بولۇپ، ئىككى تال قۇيرۇق چېتىشىش ئەزاسى بولىدۇ. ئاسكارىدا تۇخۇمى چىشى قۇرتنىڭ تېنىدىن چىققاندىن كېيىن، پارازىت خوجايىنىنىڭ گەندىسىدە ئۇچرايدىغانلىرى ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ۋە ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇمدىن ئىبارەت. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم نەم ئورۇنلاردا يېتىلىپ ئەۋلادلىق تۇخۇم (ياكى تۆرەلمىلىك تۇخۇم دېيىلىدۇ) غا ئايلىنىدۇ بۇنداق تۇخۇملار يۇقۇملاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئادەم تەرىپىدىن ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىن، ئىنچىكە ئۈچەيدە لىچىنكا چىقىرىپ، ئۈچەي دىۋارىنى تېشىپ ئۆتىدۇ. ۋېنا ياكى لىمفا تومۇرلىرىغا كىرىپ ئۆپكىگە بارىدۇ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، قاسىراق تاشلايدۇ ھەمدە ئۆسۈپ چوڭايغاندىن كېيىن كاناي ۋە كانايچىنى بويلاپ ئۆرلەپ كېكىرتەك قاپقىقى قىسمىغا بارىدۇ، ئاندىن كېيىن يۇتۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەزىم قىلىش يولىغا كىرىپ ئەڭ ئاخىرىدا كىچىك ئۈچەيگە بارىدۇ ۋە يەنە بىر قېتىم قاسىراق تاشلىغاندىن كېيىن يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنىدۇ. پارازىت خوجايىنىنىڭ ئۈچىيىدىكى چالا ھەزىم قىلىنغان تاماقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، پارازىت خوجايىنىدا ئوزۇقلىنىش ناچارلىق كېسىلىنى پەيدا قىلالايدۇ؛ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ؛ ئەگەر ئۆت نەيچىسى، ئاشقازان ئاستى بېزى، سوقۇر ئۈچەي قاتارلىق ئورگانلارغا كىرىپ قالسا ياللۇغلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ؛ قۇرت كۆپىيىپ كەتكەندە قۇرتلار تۈگۈلۈپ كاللەكلىشىۋېلىپ ئۈچەينى ئېتىپ قويىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تاماق تازىلىقىغا ۋە شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىپ يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.