Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاشقازان - ئۈچەي گورمونلىرى
بىئولوگىيە
胃肠激素
wèichángjīsù
ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىنىڭ شىللىق پەردىلىرىدىكى ئىچكى ئاجرىتىش ھۈجەيرىلىرى ئاجراتقان گورمونلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. بۇ ھۈجەيرىلەر ئاشقازان ئۈچەي شىللىق پەردىلىرىنىڭ ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرى ئارىسىغا تارقالغان بولۇپ، ھۈجەيرە سىرتقى يۈزىدىكى مىكرو تىۋىتلىرى ھەزىم قىلىش بوشلۇقىغا قارىغان بولىدۇ. ھۈجەيرىنىڭ نېگىز قىسمىدا نۇرغۇنلىغان ئاجرىتىش دانىچىلىرى بولغاچقا نېگىز دانىچىلىق ھۈجەيرە دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان ئاشقازان - ئۈچەي يولى گورمونلىرىنىڭ خىللىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاشقازان - ئۈچەي گورمونلىرىنىڭ ئاساسلىق فىزىئولوگىيىلىك رولى قەنت مېتابولىزمى، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشى، ئۇيقۇ بېزى سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ چىقىرىلىشى، ئاشقازان ئۈچەي ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى تەڭشەشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئوزۇقلۇقنىڭ ھەزىم بولۇشى ۋە سۈمۈرۈلۈشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. لېكىن ھەربىر خىل ئاشقازان - ئۈچەي گورمونىنىڭ رولى نىسبەتەن كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، ھەزىم قىلىش يولىنىڭ مەلۇم بىر ئورگىنىدا رول كۆرسىتىپلا قالماستىن بەلكى پۈتۈن ھەزىم قىلىش بەزلىرىنىڭ ئاجرىلىشى شۇنىڭدەك ھەزىم قىلىش يولىدىن سىرتقى ئورگانلارنىڭ ھەممىسىگىمۇ ئازدۇر - كۆپتۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، گاستىرىن ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئاشقازان - ئۈچەيلىرىنىڭ ھەرىكىتى، پانكرېئاتىن ئاجرىلىشى ئۆتنىڭ تارىيىشى، ئۆت غول نەيچىسى قورۇغۇچى مۇسكۇلىنىڭ كېڭىيىشى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭدەك ئىنسۇلىن، كالتسىيتونىنلارنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋاسىتىلىك ھالدا ماددا مېتابولىزمنى تەڭشەش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ.