Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاشقازان سوقۇر خالتىسى
بىئولوگىيە
<ئاشقازان چىقىش ئاغزى سوقۇر خالتىسى> ياكى <پىلورىك سوقۇر خالتىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەزى قاتتىق تەڭگىچىلىك بېلىقلار ۋە سۆڭەكلىك بېلىقلارنىڭ ئاشقازىنىنىڭ چىقىش ئېغىز (پىلورىك) قىسمىنىڭ ئاخىرقى تەرىپىدە ئون ئىككى بارماق ئۈچەيدىن ئۇزىراپ چىققان نۇرغۇنلىغان كىچىك سوقۇر خالتىلىرى دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ رولى ئوزۇقلۇقلارنى ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈش يۈزىنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت. سىنپېركا (ئوكۇن) بېلىقىنىڭ ئاشقازان چىقىش ئېغىزى سوقۇر خالتىلىرى ئادەتتە <ئوكۇن (سىنپېركا) گۈلى> دېيىلىدۇ.