Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاشىكاگا يوسمىتسۇ
دائىرە: دۇنيا تارىخى足利义满
zú lì yì mǎn
(1358 - 1408) ياپونىيە مۇروماچى شوگناتىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد سىياگۇنى. ئاشىكاگاگىسېن (1330 -1367) نىڭ چوڭ ئوغلى. ئەركىلەتمە ئىسمى خارۇخان. 1368-يىلى ياۋلارغا جازا يۈرۈش قىلغۇچى باش سىياگۇنلۇق مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلغان. خوجىدار خوسوكاۋا يورىئوئكىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆتىچىلەرنى باستۇرۇپ، ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلغان. 1378-يىلى كىيوتونىڭ مۇروماچى دېگەن يېرىدە <گۈللۈك ئورداگاھ> سالدۇرۇپ، شوگناتنى شۇ يەرگە يۆتكەپ كېلىپ ئىش بېجىرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مۇروماچى شوگۇنلۇقى دەپ ئاتالغان. 1394-يىلى سىياگۇنلۇق مەنسىپىنى ئوغلى يوشىكىغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۆزى مەمۇرىيەت بېگى بولغان. ئىككىنچى يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، راھىب بولغان. ئەمما ئەمەلىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ كەلگەن. 1392-يىلى شىمال -جەنۇب سۇلالىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1390 -( 1399-يىللىرى يامانا، ئۇئۇچى قاتارلىق يەرلىك ياساۋۇل بېگى تەسىر كۈچلىرىنى باسقان. 1401-يىلى )ياپونىيىنىڭ ئۆناگانىڭ 8-يىلى، مىڭ سۇلالىسى جيەنۋىننىڭ 3-يىلى( جۇڭگو بىلەن ئالاقە باغلاپ، دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا پاراكەندىچىلىك سېلىشىنى مەنئى قىلغان. سودىنى يولغا قويۇپ، شوگناتنىڭ مالىيە قىيىنچىلىقىنى پەسەيتكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.