Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاسانىيە
دائىرە: دۇنيا تارىخى阿萨尼亚
ā sà ní yà
(1880 - 1940) ئىسپانىيە زۇڭتۇڭى (1936 - 1939). ئەسلى يازغۇچى. ئوقۇۋاتقان چېغىدا كاتولىك دىنىغا قارشى تۇرغان. پارىژدا قانۇن ئۆگەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەدەبىيات، ئاخبارات ۋە تەرجىمانلىققا قىزىققان. 1926-يىلى <ۋەنلارانىڭ تەرجىمىھالى> دېگەن ئەسىرى دۆلەت ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. پادىشاھ ۋە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا قارشى تۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلغان. 1930-يىلى ئەدەبىي ۋە سىياسىي تەشكىلات مادرىدتىكى ئاتېنېنونىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىنقىلابىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 9311-يىلى جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم تەيىنلەنگەن ھەربىي ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1931 - 1933-يىللىرى زۇڭلى بولغاندا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ھەربىيلەر تەرەپدارلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ قولغا ئېلىنغان. 1934-يىلى قويۇپ بېرىلگەن. 1936-يىلنىڭ باشلىرىدا خەلق فرونتى ئىسپانىيىدىكى چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا يەنە زۇڭلى بولغان. شۇ يىلى 5-ئايدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ئىسپانىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە شىمالىي قىسمىدا تۇرغان، كېيىن فرانسىيىدە پاناھلانغان. 1939-يىلى 2-ئايدا پارىژدا زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان. كېيىن كېسەل بىلەن فرانسىيىدە ئۆلۈپ كەتكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.