Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئارىئوستو
دۇنيا تارىخى
阿里奥斯托
ā lǐ ào sī tuō
(1474 - 1533) ئىتالىيىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى شائىرى. فېررارا كىنەزلىكىدىكى رېگگىئو شەھىرىدە تۇغۇلغان. ياخشى تەربىيە كۆرگەن. ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسىدا فېرراراگېرتسوگى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، بۇيرۇق بويىچە رىم ۋە ئىتالىيىنىڭ باشقا شەھەرلىرىگە ئەلچىلىككە بارغان. ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى داستانى «غالجىرلاشقان ئورلاندو»، 64 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، رىتسا ئورلاندونىڭ مەشۇقىنى ئىزلەپ، ئالەمنىڭ ئۇ چېتىگە بارغانلىقى، كېيىن مەشۇقىنىڭ باشقا يېڭى يار تېپىۋالغانلىقىنى بىلىپ ساراڭ بولۇپ قالغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇ يەنە كومېدىيە ۋە ھەجۋىي ئەسەرلەرنىمۇ يازغان.