Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئارتىم
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
驮
tuó
ئارتىم - بىر قېتىم ئارتىشقا بولىدىغان يۈك. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز قەدىمدە يۈكلەرنى تۆگە، ئات، كالا، ئېشەك قاتارلىق ھايۋانلارغا ئارتىپ توشۇيتتى.
شىنجاڭدىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە <بىر تۆگىگە ئۈچ مىلىمادىن يۈك ئارتىپ> دېيىلگەن. ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر ئېشەك يۈكى 300 كىلوگرام بولغان. غازانخان دەۋرىدە بىر ئېشەك يۈكى <بىر خەرۋار> دېيىلگەن بولۇپ، تەتقىقاتچىلارنىڭ ھېسابلاپ چىقىشىچە ئۇ 38.3 كىلوگرامغا تەڭ بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.