Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئارت
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
داۋان، بەل.
بەدەلئارت، مۇزئارت.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
1 . ئارتماق، ئارتىش. يۈك - تاقنى ئات - ئۇلاغقا يۈكلىمەك.
قاچا - قۇچىلارنى ئېشەككە ياخشى ئارتىپ قوي. * سىنىمىغان ئاتقا يۈك ئارتما (ماقال).
2 . ئىللەتنى، خاتالىقنى باشقا بىرىگە دۆڭگىمەك. گۇناھ ئۆزەڭدە، خەققە ئارتقىنىڭ بىكار.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئارتماق، ئارتىش. كۆپەيمەك، ئاشماق.
تىرىشىپ ئوقۇغاننىڭ بىلىمى كۈندىن - كۈنگە ئارتىپ بارىدۇ. * مال باھاسى ئارتىپ كېتىۋاتىدۇ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
بۇزۇق، بۇزۇلغان؛ ئارتاق نەڭ - بۇزۇق نەرسە؛ بۇ مەنىڭ ئەت ئۆزۈم ئارتادى - مېنىڭ بۇ تېنىم بۇزۇلدى؛ ئوقۇش بىرلە ئاسىلۇر كىشى ئارقاتى - كىشىلەرنىڭ بۇزۇقلۇقى ئەقىل بىلەن بىلىنىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تاغ، توپىنىڭ ئۆتۈشكە بولىدىغان، ئەپلىك يېرى.
داۋاندا ئۇچرىغانغا سالام بەر. بەدەلئارت ئۈچ بىلەن بالاساغۇن ئارىسىدىكى كۆتەل.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئارت ساچ _ گەردەن چېچى.
1 - 59
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئارت، داۋان.
« مەگۈگە ئەشىق ئارت بولۇر ئەر _ ئېرىنچەككە بوسۇغىمۇ داۋان كۆرۈنەر دېگەن ماقالىدىكىگە ئوخشاش.
1 - 59