Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئارسېنىج
دائىرە: دۇنيا تارىخى阿尔塞尼三世
ā ěr sāi ní sān shì
(تەخمىنەن 1633 - 1706) سېربىيە ئاقساقىلى (1672 - 1691). كارلوۋىسنىڭ باش ئېپىسكوپى (1960 - 1906). مۇقەددەس ئىتتىپاق تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان مەزگىل (1683 - 1699) دە روسىيە، ۋېنگرىيە، ئاۋسترىيە بىلەن ئىلگىرى - كېيىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، مۇقەددەس ئىتتىپاقنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ سېربىيىنى ئازاد قىلماقچى بولغان. 1689-يىلى ئاۋسترىيە ئارمىيىسى تۈركىيە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلغاندا سېربىيە مونتېنېگرو، گېرسېگپوۋىنادا تۈركىيىگە قارشى كۈرەشلەرنى ئۇيۇشتۇرغان. 1690-يىلى ئاۋسترىيە ئارمىيىسى سېربىيىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، 70 مىڭدىن 80 مىڭغىچە سېربىيىلىكنى تەشكىللەپ شىمالغا كۆچۈپ، ۋېنگرىيىنىڭ جەنۇبىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئاۋسترىيە تېررىتورىيىسىدىكى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان پراۋسلاۋىيە چېركاۋىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.