مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۈت ئەمگۈچى يىرتقۇچ ھايۋان. «ھايۋانلارنىڭ شاھى» دېگەن نامى بار.
ئارسلان قاتتىق ۋارقىرايدۇ، يۇمشاق تۇتىدۇ. ئارسلاندەك كۈچۈڭ بولسۇن، تايغاندەك ھوشۇڭ. ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، خەقنى شىر چاغلا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىل 12 ئاينىڭ يەتتىنچىسىنىڭ نامى.
ئىيۇل لاتىنچە Julius دىن كەلگەن. بۇ قەدىمكى رىمنىڭ ھۆكۈمرانى كايزانىڭ ئىسمى بولۇپ، رىملىقلار بۇ ئاينى شۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىغان.
7 - ئاي چوڭ ئاي؛ 31 - كۈنلۈك.
1 - ئىيۇل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى دۇنياغا كەلگەن خاتىرە كۈنى (1921 - يىل).
1 - ئىيۇل كانادانىڭ دۆلەت بايرىمى.
7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى فرانسىيىنىڭ دۆلەت بايرىمى.
7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى - 11 - ئىيۇل دۇنيا يەر تەۋرەش كۈنى.
1969 - يىلى 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئامستىروڭ بىلەن ئولدېرىن ئاي شارىغا تۇنجى قېتىم قەدەم قويغان.
7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى بېلگىيىنىڭ دۆلەت بايرىمى. 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى پولشىنىڭ دۆلەت بايرىمى.
7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى مىسىرنىڭ دۆلەت بايرىمى.
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىئارسلان، شىر.
خانلارغا ئىسىم بولۇپمۇ كېلىدۇ. ماقالدا مۇنداق كەلگەن : ئالىن ئارسلان تۇتار كۈچىن سىچغان تۇتماس _ ھىيلە بىلەن ئارسلان تۇتۇلار، كۈچ بىلەن چاشقانمۇ تۇتۇلماس. بۇ ماقال ئىشلاردا زوراۋانلىق يولىنى تۇتماستىن، ياخشى چارە - تەدبىر كۆرۈشى لازىم بولغان كىشىلەرگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ.
3 - 563
دائىرە: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىئارسلان
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مۈشۈكسىمانلار ئائىلىسىگە كىرىدىغان، سۈت ئەمگۈچى يىرتقۇچ ھايۋان.
ئارسلان بالىسى ئارسلان بولىدۇ (ماقال).
كۆچمە. باتۇر، قەيسەر، زەبەردەست، قورقماس، قاپ يۈرەك.
تۇغۇلدۇم، <ئارسلان بول> دەپ ئانام سۆيگەن پېشانەمگە، سېلىپ زەڭ ھەر سۆزۈم، قەلبىم، مىجەز - خۇلقۇم، ئىپادەمگە.
ئەرلەر ئىسمى.
دائىرە: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىقىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
يولۋاس بالىسى؛ شىر بالىسى
دائىرە: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىئەرلەرگە خاس ئىسىم
كۈچلۈكلۈكى ۋە ۋەھشىيلىكى بىلەن تونۇلغان كىشى.
دائىرە: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى