Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاررېنىئۇس
دائىرە: دۇنيا تارىخى阿列纽
ā liè niǔ
(1859 - 1927) شۋېتسىيە خىمىكى، فىزىكى. ھازىرقى زامان فىزىكا، خىمىيىسىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. ئوپسالا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1886 - 1890-يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گېرمانىيە، گوللاندىيىدە خىزمەت قىلغان.1895 - 1904-يىللىرى ئوپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 0519 - 1907-يىللىرى فىزىكا - خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. ئېلېكترولىز نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلىپ، 1903-يىلى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. كىسلاتا - ئاساس نەزەرىيىسى، خىمىيىۋى رېئاكسىيە نەزەرىيىسى، خىمىيىۋى كنېتىكا، بىئوخىمىيە ۋە ئاسترونومىيە جەھەتتە تۆھپە قوشقان. «ئېرىتىش نەزەرىيىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.