Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئارقان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇڭ، قىل، تاناب قاتارلىقلاردىن ئېشىپ تەييارلانغان، نەرسىلەرنى باغلايدىغان بۇيۇم.
ئادەتتە «ئارغامچا» ، «ئارقان» يۇڭدىن، «تانا» تانابتىن، «شوينا» ، «كۇلا» پاخالدىن ئېشىلىدۇ.
ئارغامچاڭنىڭ پۇلى تۇرۇپ تۇرسۇن، كۇلامنىڭ پۇلىنى بەر. دادىسى ئېسىلىپ ئۆلگەن بالا ئارقاننى تىلغا ئالمايدۇ. تانا تارتقانغا ئۇزۈلمەيدۇ. ئىت باغلىغان شوينىدا پىل باغلىغىلى بولماس. باينىڭ ئارغامچىسى بولسا، كەمبەغەلنىڭ كۇلاسى بار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يالغان - ياۋىداق سۆزلەر بىلەن ئەسكىلىك قىلىدىغان شۇمتەك.
يۈز يالماۋۇزدىن بىر ئالىقاپ يامان. ئالىقانات قىلىدىغان ئالدىڭدىن چىقسا، كەينىڭگە يان. قۇلاقكەستى ئالالمىغاننى پالچى ئالىدۇ. ئافېيدىن ئاپەت كېلىدۇ. ئاسىم ئارقان ئۈزەر بالا بوپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
←ئارغامچا
مەن قىرغاقنى بويلاپ، قىزغا قارىتىپ ئارقان تاشلىدىم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پاكىز، ساپ قاندىن كەلگەن، ئۈستۈن، غالىپ كىشى.