Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئارپاد خاندانلىقى
دائىرە: دۇنيا تارىخى阿尔帕德王朝
ā ěr pà dé wáng cháo
ۋېنگرىيە خاندانلىقى (1000 - 1301). بۇ خاندانلىق ۋېنگرلارنىڭ يولباشچىسى ئارپاد (؟ - 907) نى مەنبە قىلىدۇ. گېزا بەگ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىل (972 - 997) دە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىدە كاتولىك دىنىنى قوبۇل قىلغان. مىلادى 1000-يىلى ستىپان Ⅰ تاج كىيىپ پادىشاھ بولغان. 1030-يىلىدىن باشلاپ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى پادىشاھىنىڭ تاجاۋۇزىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. بۇ خاندانلىق ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ۋېنگرىيە جەمئىيىتى ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن بىۋاستە فېئوداللىق تۈزۈمىگە ئۆتكەن. 2122-يىلى ئاندرېۋ Ⅱ «ئالتۇن يارلىق» ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان، شۇنىڭ بىلەن فېئوداللىق تەپرىقچىلىق كۈچيىپ، پادىشاھ ھاكىمىيىتى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.