Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئار نومۇس
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەمنىڭ ئۆز ئىززەت - ھۈرمىتىنى ساقلاش، قەدىرلەش تۇيغۇسى.
نومۇس مەسىلىسى - ئالاھىدە غۇرۇرلۇقنىڭ بەلگىسى. ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش. نومۇسىنى بىلمىگەن ئادەمدە گۈزەل ئەخلاق بولماس. ئېگىز تاغدا قار بولار، مەرد يىگىتتە ئار بولار. شەخسىيەتچىلىككە بېرىلگەن ئار - نومۇسىنى ئۇنتۇر. ئۇيات تۇرغان يەردە، ئىمان تۇرار. كېپەكتە قۇۋۋەت يوق، ئابدالدا ئۇيات. - كىشىدىن ھايات كەتسە، ئورنىغا بالا كېلەر. ھايا بار يەردە ۋاپا بار. قىزنىڭ كۆركى شەرم - ھايا. ئىزا ئۆلۈمدىن قاتتىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىنىڭ كىشىلەر، جامائەتچىلىك ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى.
ۋىجداننىڭ يوقلۇقىدىن ئېچىنىشلىق ئىش يوق. ۋىجدان ئازابى. ۋىجدانىم كۆتۈرمەيدۇ. ۋىجدانى قاينىماق. ۋىجدان ئىنساننى ئۆلچەيدىغان ئەڭ ئادىل تارازا. ئادەمدىن يوشۇرغىنىڭ بىلەن ۋىجدانغا باش ئۇرۇسەن. ئار - نومۇسنى بىلگەن ئابروينى قەدىرلەشنى بىلىدۇ. ھېساب ئۆگىنىشتىن ئىلگىرى ئىنساب ئۆگەن. ئوغرى بولساڭ، ئىنساپ بىلەن بول، قازىنىنى ئالساڭ تۇۋىقىنى قوي. ساڭا ئىنساپ - تەۋپىق كېرەك.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
خىجىللىق ۋە ئۇيىلىش تۇيغۇسى.
شەرەپ، شان، شان - شەرەپ، شۆھرەت، شەۋكەت
ئاتاق - ئابرۇي، پەخىر - ئىپتىخار.
ئىقتىسادچىللىق شەرەپ، ئىسراپچىلىق نومۇس. شەرەپ بىلەن غەلىبە - بىر تۇغقان قوشماق. بەيگىگە چۈشكەن ئات ئېگىسىگە يا شەرەپ كەلتۈرەر، يا ئىگىسىنى نومۇسقا قالدۇرار. ئالىيجاناب ئادەم شان - شەرەپنى جېنىدىن ئارتۇق بىلىدۇ. شۆھرەتكە بېرىلىش - ئەڭ رەزىل ھەۋەس. ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش. ئېگىز تاغدا قار بولار، مەرد يىگىتتە ئار. ئىزا ئۆلۈمدىن قاتتىق. شەخسىيەتچىلىككە بېرىلگەن ئار - نومۇسنى ئۇنتار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
خىجالەت تارتىش. ئۇيىلىش تۇيغۇسى؛ ئۇ يات، ئار ۋە نومۇس.
ئۇ ئار - نومۇس كۈچى ۋە قىزلىق غۇرۇرى بىلەن ئۆزىنى مەھكەم تۇتۇپ، تۇرغۇننىڭ يېنىغا ئاستا كېلىپ توختىدى.
كىشىلەرنى ئۇلۇغلايدىغان، كىشىلەرگە ھۈرمەت بېغىشلايدىغان خىسلەت، پەزىلەت.
ئار - نومۇسنى ساقلاش ئۈچۈن ھەرقانداق گۈزەللىك ۋە ھۇزۇر - ھالاۋەتتىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ.