Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئارنالدو
دائىرە: دۇنيا تارىخى阿尔诺德
ā ěr nuò dé
(تەخمىنەن مىلادى 1100 - 1155) ئىتالىيىلىك سىياسىئون. برېسسىيە (ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان) دە تۇغۇلغان. فرانسىيە پەيلاسوپى ئابېللاردنىڭ شاگىرتى. برېسسىيە خەلقىنى شەھەر خوجىسى (ئېپىسكوپ) غا قارشى تۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلغاچقا، 1139-يىلى سۈرگۈن قىلىنغان. فرانسىيىگە قېچىپ بارغاندىن كېيىن ئابېللارد بىلەن بىرلىكتە موناخ بېرنارد (كلائىر ۋولف) قا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، 1140-يىلى يەنە سۈرگۈن قىلىنغان. 1143-ياكى 1145-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن. 1143-يىلى رىم سودىگەرلىرى، قول ھۈنەرۋەنلەر ۋە ئۇششاق رىتسارلار شەھەر ھاكىمىيىتنى تارتىۋېلىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغان. 1471-يىلى ئارنالدو جۇمھۇرىيەتنىڭ رەھبىرى بولغان. ئۇ پاپا بىلەن قىزىل تونلوۇق ئېپىسكوپنىڭ نەپسانىيەتچىلىكى ۋە ساختىپەزلىكىنى سۆكۈپ، پاپانىڭ دەھرىي ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، دىنىي جەمئىيەتنىڭ مال - مۈلكىنى مەھرۇم قىلىشنى، ئېپىسكوپلۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. كېيىن پاپانىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ رىمدىن قېچىپ كەتكەن. 1155-يىلى توسكانادا ئىتالىيىگە بېسىپ كىرگەن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى فرىدرىخ Ⅰ (قىزىل ساقال) ئۇنى قولغا ئېلىپ، كېيىن پاپاغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، پاپا ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. رىم جۇمھۇرىيىتى شۇنىڭ بىلەن مەغلۇپ بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.