Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئارمان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئارزۇ غايە.
ھەسرەت، ئەپسۇس، ئېچىنىش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر نەرسىگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلغان ئىچكى سېزىم.
ئارزۇدا ئەيىب يوق. ئارزۇنىڭ چېكى يوق. ئارزۇ _ ئىدىيىنىڭ ئاتىسى. ئارزۇدىن تۇلپار تۇغۇلسا. دىۋانە پىيادە ماڭماس ئىدى. تىلەك بولسا، بىلەك تالماس. ئالىي ئىستەك _ بۈيۈك دۆلەت. ئۈمىد ئۆمۈر تىرىكى. ئەل ئۈمىدىنى ئەر ئاقلار. ئەر داڭقىنى ئەل ساقلار. رىجا كۈچ بېغىشلايدۇ. ئاساسىسز ئارمان ھەقىقىي غايىنى بىتىچىت قىلار. ئارمىنى يوق ئازار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېچىنىشلىق ئۆكۈنچ.
ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن، ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى، كۆز يېشىم دەريا بولۇپ، بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى. ھەسرەت چەككەندىن مۇشت كۆتۈرگەن ئەلا. تەبىئەتتىن غۇرۇر كۆتۈرسە باش، ساپ دىلغىمۇ نادامەت بولغاي يولداش. ئارمىنى يوق ياش، ھەسرىتى يوق قېرى يوق. ئارمان يوق. دەرمان يوق. تېرىغان خامان قىلار، تېرىمىغان ئارمان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئەمەلگە ئاشمىغان ئارزۇ - ئىستەك ياكى ۋاقتىدا قىلىنمىغان ئىشلار تۈپەيلىدىن كۆڭۈلدە قالغان ئۆكۈنچ، پۇشايمان، ھەسرەت، نادامەت.
- قىزىم ھاياتلا بولسا، ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشىپ ئۆلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئىدى، - دېدى ئۇ ئېزىلىپ.
ئارزۇ، ئۈمىد.
- كۆزۈمنىڭ ئوچۇقىدا دادامنى ۋە قوۋم - قېرىنداشلىرىمنى بىر كۆرسەم دېگەن ئارمىنىم بار، - دېدى ئۇنىڭ خوتۇنى.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، توختى ئايۇپنىڭ پوۋېستلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 8819 - يىل 10 - ئايدا نەشر قىلىنغان. بۇ توپلامغا <ئارمان>، <تاشلاندۇق كەپىدە>، <ئوت ئىچىدىكى ئادەم>، <سۆيگۈ مىلودېيىسى> قاتارلىق تۆت پارچە پوۋېسىت كىرگۈزۈلگەن. <ئارمان> پوۋېستىدا ئادالەت بىلەن مۇختەرنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى مۇرەككەپ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرى بايان قىلىنغان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پارىسچە
ئىشتىياق، قىزغىنلىق