Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئارىلىق سىستېما
پسىخولوگىيە
边缘系统
biān yuán xì tǒng
چوڭ مېڭە يېرىم شارلىرىنىڭ ئىچكى يان تەرىپىدە بىر ئەگرى مېڭە پۈرمىسى بولۇپ، ئۇ چوڭ مېڭە بىلەن ئارىلىق مېڭىنىڭ تۇتاشقان يېرىگە جايلاشقانلىقتىن ئارىلىق بۆلەك دەپ ئاتالغان. ئارىلىق بۆلەكنىڭ يېنىدا پوستلاق قاتلىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك پوستلاق ئاستى قۇرۇلمىلىرى بولۇپ، ئۇ ئىزما پۈرمە، سەقەتقۇرسىمان پۈرمە، چاناق، ئارال، چېكە رايونى، پوستلاق ئاستى ھۈجەيرە پونكىتى (مېغىزسىمان يادرو، گىرۋەك يادروسى، تۆۋەندىكى كۆرۈش دۆڭچىسى، كۆرۈش دۆڭچىسىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى)، كۆرۈش دۆڭچىسىنىڭ ئالدىدىكى يادرو ۋە ئاساسىي نېرۋا تۈگۈنىنىڭ بىر قىسمى، شۇنىڭدەك چىلغۇزا (مېڭە ئۈستى بېزى) بىلەن ھىپوفىزىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەم بۇلار بىر تۇتاش فۇنكسىئونال سىستېمىسىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئارىلىق سىستېما دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ رولى: ئىندىۋىدنىڭ ئۆزىنى ساقلاش پائالىيىتى (ئوزۇق تېپىش، مۇداپىئە كۆرۈش قاتارلىقلار) ۋە تۈرنى ساقلاش پائالىيىتى (جىنسىي ھەرىكەت) قاتارلىقلارنى تەڭشەش؛ ئىچكى ئەزالار پائالىيىتى بىلەن كەيپىيات پائالىيىتىنى تەڭشەش؛ خاتىرە پائالىيىتىگە قاتنىشىش؛ جۈملىدىن ئۇ سەزگۈ پائالىيەتلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.