Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئارىلاش زىگوتىلىق تەنچە
بىئولوگىيە
杂合体
záhétǐ
گېن تىپلىرى ئوخشىمايدىغان ئىككى دانە گامېتىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان زىگوتا ھەمدە بۇ خىل زىگوتىدىن يېتىلگەن ئىندىۋىدۇر. ئارىلاش زىگوتىلىق تەنچە دائىم بىر ياكى بىر قانچە ئورۇندىكى گېنلار بىلەن ئارىلاش زىگوتىلىق ھالەتتە بولىدۇ. بۇ خىل ئىندىۋىدتىن كۆپەيگەن ئەۋلادتا ئايرىلىش ھادىسىسى بولىدۇ. ئارىلاش زىگوتىلىق تەنچە ئاشكارا، يوشۇرۇنلۇق (تەڭ ئورۇنلۇق گېن) ئارىلاش زىگوتىلىق تەنچىدىن باشقا يەنە دۈم ئۇرۇنلۇق ئارىلاش زىگوتىلىق تەنچە، ئورنى ئۆزگەرگەن ئارىلاش زىگوتىلىق تەنچە ئارقىلىق خىلمۇ خىل ھاللاردا بولىدۇ.