Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئارىيە
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يالغان، ياسىما، سۈنئى؛ ئۆتنە ئالغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر پۈتۈن ئەدەبىي ئەسەرنىڭ بىر بۆلىكى.
شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكى تۈنۈگۈن خەلق تىياتىرىدا «غېرىب - سەنەم» ئوپېراسىدىن ئارىيە بەردى. رادىئو ئىستانسىسى «ئىز» روماندىن پارچىلار ئاڭلاتتى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ شەرىئەتتە قوللىنىلىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، مال - مۈلۈكتىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. ۋەخپە يەر، ۋەخپە مۈلۈك ئۇنىڭ ئاساسىي شەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<ئىتالىيانچە
مۇزىكا
ئوپېرا ياكى ئومۇمىي خورلاردا، ئوركېستىرنىڭ تەڭكەش قىلىپ بېرىشى بىلەن ئېيتىلىدىغان يالغۇز كىشىلىك ناخشا.