Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئارگىشتى
دۇنيا تارىخى
阿吉什提一世
ā jí shén tí yí shì
ئوراتو پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن تەخمىنەن 786 - 764 يىل ئىلگىرى). ئۇزۇن ۋاقىت سىرتقا قارىتا ئۇرۇش قىلىپ، جەنۇب تەرىپىدىكى قوشنىسى ئاسسۇرىيە پادىشاھى ئاسىراداننى مەغلۇپ قىلىپ، 20 مىڭ كىشىنى ئەسىر ئالغان؛ زېمىنىنى شىمالغا كېڭەيتىپ كاپكازنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىغىچە يەتكۈزگەن؛ ئارگىشتىفىنىلى (ھازىرقى ئارماۋىر كەنتى ئەتراپى) شەھىرىنى بىنا قىلدۇرغان ھەمدە كەڭ كۆلەمدىكى قورغان، ئىبادەتخانا ۋە سۇ ئىنشائاتلىرىنى ياساتقان. ۋان شەھىرىدىكى قىيالىققا ئويۇلغان «خۇخۇر يىلنامىسى» ۋە ئارماۋىردىن تېپىلغان ئۇرارتۇ مىخ يېزىقىدا ئارگىشتىنىڭ پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان.