Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئارگوس
دۇنيا تارىخى
亚哥斯
yà gē sī
قەدىمكى يۇنان شەھىرى. بەزى يازغۇچىلار (ئالايلۇق ھېرودوت) نىڭ ئەسەرلىرىدە ئارگولس دەپمۇ ئاتالغان، ئوخشاش بىر رايوننى كۆرسىتىدۇ. پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى (جەنۇبىي يۇنان) نىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالىي كورنىتىيە رايونىغا تۇتىشىدۇ، غەربى ئاركادىيە بىلەن، جەنۇبى لاكونىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. پايتەختى ئارگوس. مىكېناي مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى مىكېناي ۋە تىرىنس ئۇنىڭ چېگرىسى ئىچىدە. دەسلەپكى ئاھالىسى پېلاسگىلار بىلەن ئاكايىسلار بولۇپ، كېيىنكى مىكېناي مەدەنىيىتىنى ياراتقۇچى ھېسابلىنىدۇ؛ مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا، دورىئانلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرەە كەلگەندە ئىگىلىكى خېلى تەرەققىي قىلىپ، جەنۇبىي يۇناننىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بۇ يەرنىڭ سودىگەرلىرى ئېگېي دېڭىزىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، يىراقتىكى كرىت ئارىلى، سىپرۇس ئارىلى، مىسىر ۋە كىچىك ئاسىيانىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىغىچە يېتىپ بارغان. مىلادىدىن 494 يىل ئىلگىرى بۇ يەردىكى قۇللار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، بىر مەھەل ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن، كېيىن قۇلدارلار تەرىپىدىن باستۇرۇلغان؛ قوزغىلاڭچىلارنىڭ بىر تارمىقى تىرىنىس شەھىرىگە يۆتكەلگەن ۋە ئۇنى ئىگىلىگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قوزغىلاڭ 20 نەچچە يىل داۋاملاشقان. تارىختا دائىم سپارتا بىلەن مەنپەئەت توقۇنۇشى يۈز بېرىپ، ھەربىي جەھەتتە ئۇنىڭ كونتروللۇقىدا بولغان. پېلوپوننېس ئۇرۇشى (مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى) دىن كېيىن ئاجىزلاپ كەتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە ئاكائىيە ئىتتىپاقىغا كىرگەن، مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅱ ئەسىردە رىم زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
阿尔戈斯
ā ěr gē sī