Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاربېنىس
دائىرە: دۇنيا تارىخى阿本斯
ā běn sī
(1913 - 1971) گۋاتېمالا زۇڭتۇڭى (1951 - 1954). دۆلەت ھەربىي ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1944-يىلى ئوبىكونىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇۇرپ تاشلاپ قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، ئىككىنچى يىلى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. 1950-يىلى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتناشقان. زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن، ئىچكى جەھەتتە يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، ئامېرىكا بىرلەشمە مېۋە - چېۋە شىركىتى ۋە چوڭ پومېشچىكلارنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىپ، مىللىي ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرغان؛ تاشقى جەھەتتە مۇستەقىل دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن.1954-يىلى 6-ئايدا ئامېرىكىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن قورچاق پولكوۋنىك كاستىللو ئارماس (1914 - 1957) ياللانما قوشۇنىنى باشلاپ ھوندوراستىن بېسىپ كىرىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان. ئاربېنىس چەت ئەلگە قېچىپ كېتىپ مېكسىكا شەھىرىدە ئۆلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.