Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئارا تۇرماق
شىۋىلەر
دال بولماق، پانا بولماق، كاپالەتلىك قىلماق، ئەسقاتماق، قۇتقۇزماق. مەسىلەن: بېشىمغا كۈن چۈشكەندە يەنىلا ئۆز قېرىنداشلىرىم جېنىمغا ئارا تۇردى؛ سەن بۇ ئىشقا ئارا تۇرالامسەن _ سەن بۇ ئىشقا كاپالەتلىك قىلالامسەن؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تاقابىل تۇرماق، ساقلاپ قالماق؛ قوغدىماق، مۇھاپىزەت قىلماق.
- ئۇنىڭ مېڭىشلىرىغا كېچە - كۈندۈز ياكى ئىسسىق - سوغۇق ئارا تۇرالمايدۇ، - دېدى ئابلىز.
- شۇنچىۋالا ئادەمنىڭ جېنىغا ئارا تۇرغان مۇشۇ بالا ئەمەسمۇ؟! - دېدى ئۇ كۆپچىلىككە قاراپ.