Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاراكان
دۇنيا تارىخى
阿拉干国
ā lā gàn guó
بىرمىدىكى قەدىمكى دۆلەت، شەرقىي دېڭىز بويلىرىغا جايلاشقان بولۇپ، بېنگال قولتۇقىغا ياندىشىپ تۇرىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يىراق قەدىمكى زاماندىلا دۆلەت قۇرۇلغانىكەن، بۇ ئانچە ئىشەنچىلىك ئەمەس. مىلادىنىڭ دەسلپەكى مەزگىلىدە ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، براخمى دىنى ۋە بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلغان. Ⅹ ئەسىردىن كېيىن ئۇ ئۆزىنى بۇددا دىنى دۆلىتى دەپ ئاتىغان Ⅺ ئەسىردىن ⅩⅢ ئەسىرگىچە شىمالىي قىسمى پاگان سۇلالىسىگە بويسۇنغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بىر مەزگىل مۇستەقىل بولغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئىلگىرى - كېيىن پېگۇ ۋە ئاۋا سۇلالىسى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان. ئىسلام دىنى بۇ جايغا تارقالغاندىن كېيىن ئاراكان پادىشاھى ئىسلام دىنى ئۇنۋانىنى ئالغان. سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن پادىشاھ نارمېكلا( 1404 - 1434-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) 1430-يىلى بېنگالنىڭ ياردىمى بىلەن قايتىدىن تەختكە چىققان، 1433-يىلى بېنگالنىڭ ياردىمى بىلەن قايتىدىن تەختكە چىققان، 1433-يىلى موروخان («كونا شەھەر» دېگەن مەنىدە) نى پايتەخت قىلغان. پادىشاھ مىنبىن (1531 - 5315-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە تونگو سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى تابىنشىۋېتنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن. 1599-يىلى ئاركان پادىشاھى تونگو بەگلىكى بىلەن بىرلىشىپ پېگۇنى ئىشغال قىلغان. ⅩⅥ ئەسىردىن باشلاپ پورتۇگالىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئارقا -ئارقىدىن يېتىپ كېلىپ، ئاراكاندا تايانچ پونكىت قۇرۇپ، قوراللىق ماجىرا تۇغدۇرغان. 1666-يىلى ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسى بېسىپ كىرىپ، كىتتا پورتىنى ئىشغال قىلىۋالغان. ئاراكان زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، 1785-يىلى ئاراڭپايا سۇلالىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.
ئۇنىۋېرسال
若开人阿拉干人
ruò kāi rén ā lā gàn rén