Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاقسۇ شەھەرلىك بالىلار باغچىسى
دائىرە: شىنجاڭ مائارىپىبالىلار مائارىپى
ئەسلى نامى ئاقسۇ شەھەرلىك بالىلار باغچىسى بولۇپ، 1966 - يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىنىپ 1971 - يىلى 10
- ئاينىڭ 15 - كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان. 1982 - يىلى 6 - ئايدا ئەسلىدىكى بالىلار باغچىسى ئاقسۇ شەھەرلىك ئۈلگىلىك بالىلار باغچىسى قىلىپ
ئۆزگەرتىلگەن. 1990 - يىلى 10 - ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە بالىلار مائارىپىدىكى ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالانغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5055 كۋادرات
مېتىر. 1999 - يىلى 10 سىنىپى، 400 نەچچە نەپەر ئوقۇغۇچىسى، 40 نەپەر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىسى بار بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.