Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاق قويۇنلۇق سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1468 - 1508) ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركلەر قۇرغان ھاكىمىيەت. ئاق قويۇنلۇ قەبىلىسى ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر تارمىقى بولۇپ، تۈركىيىنىڭ شىمالىدىكى دىيار بەكر ئەتراپىدا ياشىغان. ئۇلارنىڭ تۇنجى ھۆكۈمرانى قارا يۇلۇك (1378 - يىلىدىن 4351 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) تۆمۈرلەڭگە بويسۇنۇپ، ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قالغان. كېيىن شەرققە ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، 1467 - يىلى قارا قويۇنلۇ سۇلالىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، دائىرىسىنى پرسىيىدىن خۇراسان، مىسۇپوتامىيە، پارس قولتۇقىدىكى كەڭ رايونلارغىچە كېڭەيتتى. 1473 - يىلى ئاناتولىيىدىكى كارامان سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئوسمانلى تۈركلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، پاجىئەلىك مەغلۇپ بولدى. ئۇلار سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسىگە ئەمەل قىلدى. ئاخىرقى ھۆكۈمران سەفەۋىيە سۇلالىسى (1502 - 1732) قوشۇنلىرى تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدە پاناھلاندى. كۆپ ئۆتمەي سۇلالە ھالەك بولدى.