Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاق لايىھە
دائىرە: دۇنيا تارىخى白色方案
bái sè fāng àn
فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ پولشاغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنىڭ شەرتلىك بەلگىسى. فاشىست گېرمانىيىسى 1939-يىلى 3-ئايدا چېخوسلۇۋاكىيىنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن، تاجاۋۇزچىلىق تىغ ئۇچىنى پولشاغا قاراتقان. بۇ پىلان گىتلىرنىڭ مۇددىئاسى بويىچە ئاپرېلدا تۈزۈلگەن. پىلاندا پولشاغا قارىتا <تۇيۇقىسىز كۈچلۈك زەربە بىلەن ھەربىي ھەرىكەتنى باشلاپ، تېز نەتىجە قازىنىش> بەلگىلەنگەن ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ تۈردە گېرمانىيىنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىلىرىگە ۋەزىپىلەر چۈشۈرۈلگەن. گىتلىر 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 1-نومۇرلۇق ئۇرۇش قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. گېرمانىيە ئارمىيىسى <ئاق لايىھە> گە بىنائەن 9-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەردە پولشاغا ھۇجۇم قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.