Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاق كۆڭۈل
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پاك؛ يامان نىيىتى يوق.
ئاق كۆڭۈلنىڭ ئېتى ھارماس، كىيىمى توزۇماس. ئاق نىيەت ئادەم زىيان تارتسىمۇ، خار بولماس. كۆڭلى ئاقنىڭ كۆزى ئالاق - جالاق بولماس، مىجەزى تۈزنىڭ ئەيبى يوق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۈز، قۇۋلۇق - شۇملۇقنى بىلمەيدىغان، دىلى ئاق، ئالدامچىلىق قىلمايدىغان.
ھىيلىگەر، مەككار، مۇغەمبەر، قۇۋ، لولا، ھەييار، نەيرەڭۋاز، ھارامزادە، تادان، قېرى تۈلكە، قېرى قاقباش
قۇۋلۇق - شۇملۇقتا ئۇستا، يالغانچىلىق بىلەن كىشىنى ئالدايدىغان، دىلى قارا.
ساددا ساختىپەزلىك قىلماس. گول ئادەم زىيان تارتسىمۇ قۇۋ كىشىدىن ياخشى. ئاق كۆڭۈلنىڭ ئېتى ھارماس، كىيىمى توزۇماس. كۆڭۈلچەكنىڭ كۆتى ئوچۇق. ھىيلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ ئىچىدىن سېرىقى چىقماس. مەككاردىن ئىت ياخشى. ئون تازنى توققۇزى ھەييار، ئوق سوقۇرنىڭ توققۇزى مەككار. مۇغەمبەر كاسىپنىڭ تىلىكى كور خېرىدار. قۇۋ تۈلكىنى كۈچۈك بىلەن تۇتقىلى بولماس. لولا قولدىن ئالىدۇ، ئوغرى يولدىن. نەيرەڭۋازنىڭ تىلى ئىلمەك. ھارامزادىنىڭ ئارغامچىسى بىلەن قۇدۇققا چۈشمە. تادان تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئىلىنەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
كۆڭلى تۈز، نىيىتى توغرا، باشقىلارغا يامانلىق ئىزدىمەيدىغان.
ئاق كۆڭۈل ئادەم.