Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاق يولۋاس ئەترىتى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە ۋۇچېن يىلى ئۇرۇشى ۋاقتىدا ئايزۇ ۋاسساللىقى ئۇيۇشتۇرغان ياش پىدائىيلار ئەترىتى. ۋۇچېن يىلى ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن ئايزۇۋاسساللىقى شوگۇنلۇققا سادىقلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن ھەربىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ۋاسساللىقتىكى سامۇرايلارنى يېشىغا قاراپ ئاق يولۋاس، قىزىل قۇشقاچ، قارا ئەجدىھا، تاشپاقا ئەترەتلىرىگە ئۇيۇشتۇرغان. ئاق يولۋاس ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى پۈتۈنلەي 16 - 17 ياشلىق ياشلار بولۇپ، ئۇلار سالاھىيىتى بويىچە ۋاسساللار ئوتتۇرا ئەترىتى (يۇقىرى دەرىجىلىك ۋاسساللارنىڭ بالىلىرى)، يورى ئەترىتى (ئوتتۇرا دەرىجىلىك ۋاسساللارنىڭ بالىلىرى)، ئاشى ئەترىتى (تۆۋەن دەرىجىلىك ۋاسساللارنىڭ بالىلىرى) گە بۆلۈنگەن. 1868-يىل 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، يېڭى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئايزۇ ۋاكاماتىسۇ شەھىرىنىڭ تۈۋىگە كەلگەندە، ئاق يولۋاس ۋاسساللار ئوتتۇرا ئەترىتى تونوكۇچىگېن سوقۇشىدا يېڭىلگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ قالدۇق قىسىملىرىدىن 20 كىشى ۋاكاماتىسۇنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئىئمورى - ياماتېغىغا چېكىنىپ، قىسقا يول بىلەن ۋاكاماتىسۇ شەھىرىگە كىرىۋاېلىشقا ئۇرۇنغان، لېكىن شەھەرنى ئىس - تۈتەك قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ شەھەر قولدىن كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ چۈشىنىپ، ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ياكى بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈش يولى بىلەن پۈتۈنلەي قىرىلىپ تۈگىگەن.