Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاپرېل نامايىشى
دۇنيا تارىخى
1917-يىلى روسىيە پېتروگراد ئىشچىلىرى بىلەن ئەسكەرلىرىنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش. رۇس كالېندارى بويىچە ئاپرېل ئېيىدا يۈز بەرگەنلىكتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 5-ئاينىڭ 1-كۈنى (رۇس كالېندارى بويىچە 4-ئاينىڭ 18-كۈنى) ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىليۇكوۋ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى تۈزگەن شەرتنامىلەرگە سادىقلىق بىلەن ئەمەل قىلىپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى «ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىچە» ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقتىن، خەلق ئاممىسىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. 5- ئاينىڭ 3- 4 - كۈنلىرى (رۇس كالېندارى بويىچە 4 - ئاينىڭ 20 - 21-كۈنلىرى ) پېتروگرادتا يۈز مىڭدەك ئىشچى ۋە ئەسكەر بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، «مەخپىي شەرتنامە ئاشكارىلانسۇن!»، «يوقالسۇن ئۇرۇش!»، «پۈتكۈل ھاكىمىيەت سوۋېتلەرگە مەنسۇپ!» دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ نامايىش ئۆتكۈزگەن. بۇ نامايىش ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇنجى قېتىملىق سىياسىي كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇنىڭ بىلەن مىليۇكوۋ، گۇچكوۋلارنىڭ ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلىنىپ، ئىچكى كابىنېت ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىپ، ۋاقىتلىق بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەنگەن.