Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاپراكسىن
دائىرە: دۇنيا تارىخى阿普拉克辛
ā pǔ lā kè xīn
(1661 - 1728) روسىيە دېڭىز ئارمىيە مارشالى. پېتىر Ⅰنىڭ ئۆسمۈرلەر ئارمىيىسىگە قاتناشقاندىن باشلاپ ھەربىي ساھەگە كىرگەن. پېتىر ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، دەسلەپتە ئاستراخاننىڭ گوبېرناتورى بولۇپ، ئىككىنچى قېتىملىق ئازوۋغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان (1596). 1700-يىلدىن باشلاپ دېڭىز ئارمىيە ئىشلىرى باش بۇغى بولغان. 1718-يىلى دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدە دېڭىز ئۇرۇشىغا كۆپ قېتىم قوماندانلىق قىلىپ، شۋېتسىيە فلوتىنى مەغلۇپ قىلغان؛ قارا دېڭىز فلوتىغا قوماندانلىق قىلىپ، پېرسىيىگە يۈرۈش قىلىشقا قاتناشقان (1722- 1723)، كېيىن يەنە بالتىق دېڭىز فلوتىنىڭ قوماندانى بولغان (1723 - 1726). 1926-يىلدىن باشلاپ ئالىي زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ زوراغاسى بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.