Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاپاتاتۇر
دۇنيا تارىخى
阿帕塔托尔
ā pà tǎ tuō ěr
ⅩⅦ ئەسىردىكى ئاۋسترىيە مونوپول سودىگەرلىرىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى. ئاۋسترىيە خان جەمەتى كۆپلىگەن كىرىمنى قولغا كەلتۈرۈش، كېلەڭسىز ئارمىيىنىڭ چىقىمىنى قامداش ئۈچۈن، ھەر خىل تاۋارلارنىڭ مەخسۇس سېتىش ھوقۇقىنى كۆتۈرە ئالغۇچى سودىگەرلەرگە سېتىپ بەرگەن. كۆتۈرە ئالغۇچى سودىگەرلەر بارلىق تاۋارلارنىڭ مەخسۇس سېتىش ھوقۇقىنى مونوپول قىلىۋېلىش بىلەن تازا بېيىپ، چوڭ كاپىتالىستلارغا ئايلانغان. ئۇلار خان جەمەتى ۋە ئاقسۆڭەكلەرگە پۇل قەرز بېرىش مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئىمتىيازغا ئىگە بولۇپ، دۆلەتنىڭ مالىيەسىنى كونترول قىلغان. كېيىن بىر قىسىم ئاقسۆڭەكلەرمۇ مەخسۇس سېتىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن ھەمدە چوڭ مونوپول سودىگەرلەر بىلەن ئالاقە باغلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سېپىگە قېتىلغان.