Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاپاق خوجا ھاكىمىيىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1678 - 1696) چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى ئاق تاغلىقلارنىڭ يەرلىك ھاكىمىيىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. كاڭشىنىڭ 17 - يىلى (1678) ئاپاق خوجا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ ھاكىمىيەت قۇرۇپ، شەرىئەتنى ۋە تەسەۋۋۇپچى ئاق تاغلىقلارنىڭ تەرىقىتىنى ھاكىمىيەتنىڭ <ئاساسى> قىلدى. شەھەر - يېزىلاردا قازى قۇزات، مىر ئەدلىيە، مۇتەسسىپ قاتارلىق ئەمەلدارلارنى تەيىنلەپ، ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ھاكىمىيەتنى يولغا قويدى. قارا تاغلىق مۇسۇلمانلارنى چەتكە قاقتى ۋە باستۇردى. ھەر يىلى جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە 100 مىڭ ئاق تەڭگە (100 مىڭ سەر كۈمۈش)، 15 مىڭ چارەك (ھەر چارىكى سەككىز كىلوگرام كېلىدۇ) بۇغداي تاپشۇرىدىغانلىقى ھەمدە غالدانغا 4000 تەڭگە كۈمۈش ئىنئام قىلىدىغانلىقى ۋە نۇرغۇن پۇلنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا سەرپ قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئېغىر باج تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، خەلقتىن يەر بېجى، چارۋا بېجى، باغ بېجى، سۇ بېجى قاتارلىق 20 نەچچە خىل باج ئالدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە پەن - مەدەنىيەتنى ۋەيران قىلىپ، قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ساقلانغان تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ نەچچە ئون مىڭ كىتابنى كۆيدۈرۈۋەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ئالىملىرى، تەرجىمانلىرى، دوختۇرلىرى، ئەدىبلىرى چەت ئەللەرگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. بەزىلىرى تۈرمىگە تاشلاندى. ئاپاق خوجا چوڭ قۇل ئىگىسىگە ئايلىنىپ، نەچچە 10 مىڭ چارەك يەرگە ۋە نۇرغۇن يانچىغا ئىگە بولدى. كاڭشىنىڭ 34 - يىلى (1695) قارا تاغلىقلارنىڭ قوزغىلىڭىدا ئاپاق خوجا ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. خوتۇنى خانۇم پاشا بەش ياشلىق ئوغلىنى خان قىلدى. ئىككىنچى يىلى كېيىنكى يېرىم يىلدا يەكەن خانلىقىنىڭ ئەۋلادى ئاقباشخان قوزغىلاڭ كۆتۈردى. خانۇم پاشا دولانغا (ھازىرقى مەكىتكە) قېچىپ بارغاندا، شۇ يەردىكى كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. ئاپاق خوجا ھاكىمىيىتى يوقالدى.