Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئانۇرادخاپۇرا پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
阿努拉达普拉王国
ā nǔ lā dá pǔ lā wáng guó
مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىن مىلادى Ⅹ ئەسىرگىچە بولغان دەۋردىكى سەيلون (ھازىرقى سرىلانكا) دىكى سىنخاللارنىڭ دۆلىتى. پايتەختى ئانورادخاپۇرا شەھىرىدە بولغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئاساسلىق خاندانلىقلىرىدىن ۋىجايا خاندانلىقى (مىلادىدىن ئىلگىركى Ⅲ ئەسىردىن مىلادى Ⅰ ئەسىردىن Ⅴ ئەسىرگىچە، Ⅶ ئەسىردىن Ⅹ ئەسىرگىچە) بولغان. پادىشاھ دىۋانامپىيا تىسسا تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 250 - 210) بۇددا دىنىنىڭ سىتاۋىراۋادا (ھىنايانا) مەزھىپى ھىندىستاندىن سەيلۇنغا كىرگەن. بۇددا ئىبادەتخانىسىدىكى راھىبلار گۇرۇھى مەملىكەت ئىچىدە سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەرە پەيدىنپەي مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن. ھۆكۈمرانلار دېھقانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، زور سۇغىرىش سىستېمىسىنى قۇرغان. ئۇلار دائىم جەنۇبىي ھىندىستاندىكى تامىللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىر ۋە مىلادى Ⅴ ئەسىردە تامىللار ئۇلارغا ئىككى قېتىم ھۆكۈمرانلىق قىلغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا جەنۇبىي ھىندىستاندىكى چولا پادىشاھلىقىنىڭ ئارمىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، پادىشاھلىق ئاياغلاشقان.