Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئانتسېنېس
دۇنيا تارىخى
安提西尼
ān tí xī ní
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 435 - 370) ئانتېستېنېس دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى، كونىكچىلار ئېقىمىغا ئاساس سالغۇچى. ئافىنالىق. ئۇ، گورگىياس بىلەن سوكراتنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتقان. كېيىن ئافىنادىكى كىينو سارگېس (<ئىت ئۇۋىسى> مەنىسىدە) ناملىق تەنتەربىيە مەيدانىدا مۇرىت توپلاپ دەرس ئۆتكەن، شۇ سەۋەبتىن بۇ ئېقىمدىكىلەر <كونىكچىلار> (<ئىت ئۆلىمالىرى> مەنىسىدە) دەپ ئاتالغان. تېبەيلىك كرات ۋە سىنوپىللىق دېئوگېن قاتارلىقلار ئۇنىڭغا شاگىرت بولغان. ئۇنىڭ ساقلىنىپ قالغان ئىككى ئەسىرى بار: بۇنىڭ بىرى <ئاگىكسىس بىلەن يۇلىكسىس> بولۇپ راست - يالغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس، يەنى بىرى <ناتۇرالىست> بولۇپ بۇنىڭدىن پەقەت پارچىلاپ ساقلىنىپ قالغان. ئەپلاتوننىڭ ئۇقۇم نەزەرىيىسىگە قارىتا قارشى تۇرۇش نۇقتىئىنەزەرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمەن ئۇقۇم ياكى چۈشەنچە مەۋجۇتتۇر، دەپ ھېسابلىغان. ئۇ: بىز پەقەت بۇ ياكى ئۇ ئاتنى كۆرەلەيمىز، ھېچكىممۇ ئومۇمىي ئاتنى كۆرەلمەيدۇ، كۆرۈشمۇ مۇمكىن ئەمەس دېگەن. ھەرقانداق لەززەتلىنىشتىن، ۋاز كېچىپ: <سەۋدايى بولۇشقا رازىمەنكى، شاد - خۇراملىقنى خالىمايمەن> دېگەن، <تەبىئىي ھالەتنى ئەسلىە كەلتۈرۈش>، پەيلاسوپلار دۇنيادىكى شەيئىلەرگە نىسبەتەن قولىنى قوشتۇرۇپ چەتتە قاراپ تۇرۇش، پىسەنت قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان. بارچە سۈنئىي نەرسىلەر (مەسىلەن: مەدەنىي تۇرمۇش) نىڭ ھەممىسى غەيرىي تەبىئىيلىك، ھۆكۈمەت، خۇسۇسي مۈلۈك، نىكاھ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھاجەتسىز، دىننىمۇ مۇقىم شەكىلگە كىرگۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ھېسابلىغان. تاشقى شارائىتقا تايانماي ئۆز ئالدىغا تۇرمۇش كەچۈرۈشنى، ئۆز نەپسىنى يىغىپ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى يۈكسەك گۈزەل ئەخلاق دەپ قارىغان. ئۇنىڭ بۇ خىل قەيسەر تەركىدۇنيا ئىدىيىسىنى دېئۇگېن ئىشقا ئاشۇرغان ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرغان.