Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئانتىفېدېراتىپ پارتىيە
دائىرە: دۇنيا تارىخى反联邦党
fǎn lián bāng dǎng
ئامېرىكىدىكى بۇرژۇئا دېموكراتچىلىرى، شەھەر ئەمگەكچىلىرى، ئۇششاق بۇرژۇئا ۋە دېھقانلار ئىتىتپاقىدىن تەشكىل قىلىنغان سىياسىي گۇرۇھ. 1787-يىل قۇرۇلغان. بۇلار ھامىلتون باشچىلىقىدىكى فېدېراتىپ پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە تاشقى سىياسەتلىرىگە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئاساسلىق رەھبەرلىرى جېففېرسون، مادىسون، مورو قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 1792-يىلى جېففېرسون مەزكۇر پارتىيىنى دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە ئۆزگەرتكەن. ئۇلار سىياسىي جەھەتتە بۇرژۇئا دېموكراتىك ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىشقا ئۇرۇنغان؛ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەنگلىيە بىلەن بولغان زىچ ئالاقە ۋە ئەنگلىيىگە پايدىلىق بولغان ئەركىن سودىغا قارشى تۇرغان، يېزا ئىگىلىكىنى پائال راۋاجلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، غەربىي رايونلارغا ئاھالە يۆتكەپ، يېڭى ئەركىن شتات قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن، قۇللۇق تۈزۈمنى تۈپتىن يوقىتىشنى تەلەپ قىلغان. تاشقى سىياسەت جەھەتتە ئەنگلىيىدىن يىراقلىشىپ، فرانسىيە ئىنقىلابىغا ھېسداشلىق قىلغان. 1828-يىلى ھازىرقى دېموكراتلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.