Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئانتانتا دۆلەتلەر
دۇنيا تارىخى
协约国
xié yuē guó
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە قارىمۇ قارشى بولغان يەنە بىر جاھانگىرلىك گۇرۇھى بولۇپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە روسىيىنىڭ 1904 - 1907-يىللىرى بىر قاتار كېلىشىملەرنى تۈزۈشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن. 1893-يىلى گېرمانىيە، ئاۋسترىيە ۋە ئىتالىيە ئىتتىپاقى بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇش ئۈچۈن، فرانسىيە بىلەن روسىيە ئالدى بىلەن ھەربىي كېلىشىم تۈزگەن. گېرمانىيىلىك بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتى ئالدىدا، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە مۇستەملىكىلەردىكى زىددىيىتىنى تەرتىپكە سېلىپ، 1904-يىل 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەنگلىيە - فرانسىيە كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان روسىيەئۆزىنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، 1907-يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەنگلىيە بىلەن ئەنگلىيە - روسىيە كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. بۇنىڭ بىلەن ئانتانتا دۆلەتلەر (كېلىشىم تۈزۈشكەن دۆلەتلەر) ئاخىرى شەكىللەنگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ياپونىيە، ئىتالىيە، ئامېرىكا قاتارلىق 25 دۆلەت ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئۇنىڭغا قاتناشقان. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان. 8191-يىلى گېرمانىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ياپونىيە قاتارلىق جاھانگىرلار ئانتانتا دۆلەتلەر نامى بىلەن، سوۋېت روسىيىسىگە ئۈچ قېتىم قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزۈپ، مەغلۇپ بولغان. ئانتانتا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ كەتكەچكە بارا - بارا پارچىلىنىپ كەتكەن.
قانۇنشۇناسلىق,ئۇنىۋېرسال
协约国
xié yuē guó