Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئانىلىق بوينى ئالاھىدە ئۇزۇن بولۇش
بىئولوگىيە
花柱异长
huāzhùyìcháng
ئوخشاش بىر تۈردىكى ئۆسۈملۈكنىڭ ئوخشىمىغان تۈپىدىكى گۈلدە ئانىلىق بوينىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئوخشاش بولماسلىق ھادىسىسى مەسىلەن، فورسىتىيە، قارا بۇغداي، چوڭ گۈللۈك زىغىر قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەردە ئىككى خىل تىپتىكى گۈل بولىدۇ؛ بىر خىلىنىڭ ئانىلىق بوينى ئۇزۇن، ئاتىلىق يىپى قىسقا بولۇپ، ئانىلىق بوينى ئۇزۇن گۈل دەپ ئاتىلىدۇ؛ يەنە بىر خىلىنىڭ ئانىلىق بوينى قىسقا، ئاتىلىق يىپى ئۇزۇن بولىدۇ، بۇ ئانىلىق بوينى قىسقا گۈل دەپ ئاتىلىدۇ. بىر تۈپتىكى ئۆسۈملۈكتە پەقەت بىر خىللا گۈل بولىدۇ. چاڭلىنىش ۋاقتىدا ئانىلىق بوينى ئۇزۇن گۈلنىڭ گۈل چېڭى پەقەت ئانىلىق بوينى قىسقا گۈلنىڭ ئانىلىق ئاغزىغا، ئانىلىق بوينى قىسقا گۈلنىڭ گۈل چېڭى پەقەت ئانىلىق بوينى ئۇزۇن گۈلنىڭ ئانىلىق ئاغزىغا چۈشەندىلا ئاندىن بىرىكىدۇ. مانا بۇلار ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چەتتىن چاڭلىشىشقا ماسلىشىش، ئۆزىدىن چاڭلىنىشتىن ساقلىنىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى.