Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئانىلار
تارىخ
阿尼人
ā ní rénDئىستېتىكا
《母亲们,姐妹们》(1967),E。E·莫伊谢延科(1916一,苏联人)
《mǔ qīn men ,jiě mèi men 》(1967),E。E·mò yī xiè yán kē (1916yī ,sū lián rén )
دۇنيادىكى مىللەتلەر
阿尼人
ā ní rén
ئانىلار <ئاگىنلار>، <ئانىيالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئانىلار غەربىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 69 پىرسەنتىنى كوتېدىۋا (پىلچىشى قىرغىقى 800 مىڭ) دا، 6.27 پىرسەنتى گانادا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. بىر قىسمى توگو، ۋىرگىن تاقىم ئاراللىرى، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەت (رايون) لاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 450 مىڭ، ئۇلار كۇتېدىۋا نوپۇسىنىڭ 10 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
ئانىلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، ئانىلار ئاكانلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئارىچىن، ئاسايې، بۇرېسيا، بوندا قاتارلىق نۇرغۇن قەبىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئانىلار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئاكان تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان ئۆزىنىڭ يېزىقى بار.
ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئىپتىدائىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېسنانتىزم مەزھىپىگە ۋە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، پالما، كاۋچۇك، قەھۋە، كاكائو قاتارلىق ئىسسىق بەلباغ ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ.
ئانىلار پاترىئارخاللىق تەشكىلاتىنى ساقلاپ قالغان.
ئانىلارنىڭ ئەجدادلىرى تەخمىنەن Ⅺ - Ⅹ[KG-*2]Ⅷ ئەسىرلەر ئارىلىقىدا شىمال تەرەپتىن ھازىرقى ئولتۇراقلاشقان جايلىرىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، ئانىلار كوتېدىۋانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.